ئىسىم:
شىفىر:
سىز تېخى كىرمىدىڭىز

 

 

   
2009-1-4 23:52:57   
:يوللانغان ۋاقتى
جاھىل خاراكتىرلىق تېرە كىسەللىگىگە ياردەم سورايمەن
 

مەن بىر ئوقۇتقۇچى باش قىسمىمغا تەمرەتكە چىقىپ قالغىلى خېلى ياللار بولۇپ قالدى مەن ئىشلەتكەن دارىلار سەۋەپ بولمايۋاتىدۇ ، تەمرەتكىنىڭ داۋالاشقا ئۈنىمى ياخشى دارا باردىمۇ ،سەمىمى ياردەم سورايمەن....................................
 
 
ياخشىمۇسىز باش قىسىمدىكى تەمرەتكىنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي دەپ باقسىڭىز، قىچىشىش ،ئېچىشىش ،قىزىرىش ئەھۋاللىرى بارمۇ؟باشنى يۇيغاندىن كىيىن ئارام بېرەمدۇ؟ بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدا بارمۇ؟قايسى خىل ئەھۋاللاردا ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز؟ دوختۇرلارنىڭ دىئاگنوزى بارمۇ؟
 

نىياز

   
2008-12-31 20:56:47   
:يوللانغان ۋاقتى
تۈز ئۈچەي چىقىۋىلىش كىسىلى
 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ يىل 28ياش ، يەتتە سەككىز يىلچە بولۇ پ قالدى. چوڭ تەرەت قىلىشىم بەكلا قىيىن . مەقئەت چىقىۋالىدۇ. 2006-يىلى گىمروي كىسىلى دەپ ئۈرۈمچىدە ئوپراتسىيە قىلدۇرغانتىم ، يەنە قايتا قوزغىلۋالدى. كىيىن ئويغۇر تىبابەت دۇرىلىرىنى يەپ باقتىم . تەرەتنى راۋانلانتۇرۇشقا ئازراقلا پايدىسى بولدى . تەرەت قىلسام چىقىۋالىدۇ. يېرىم سائەتچە ۋاقىت كىتىدۇ. تۇرمۇش ، خىزمەتكە بەكلا قۇلايسىز. شۇڭا بولسا يىلتىزىدىن ساقايتىدىغانغا سەۋەپ قىلىپ بەرسىلە.
 
 
بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئەڭ ئاۋۋال قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشتىن، ئىچى سۈرۈپ كىتىش ئەھۋاللىرىدىن قاتتىق ھەزەر قلىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنجىقلاپ تاھارەت قىلماسلىقى، بەك ئۇزۇن ئولتۇرىۋالماسلىق كېرەك. بۇ ئەھۋاللارنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ، بۇ خىل كىسەلدىن قۇتۇلۇش ،ياكى دورىنىڭ ئۈنىمى كۆرىلىشى ناتايىن.
 

ئۆمەرجان

   
2008-12-31 17:45:09   
:يوللانغان ۋاقتى
ئۇيقۇسىزلىق كىساللىكى ھەققىدە
 

ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۇخلىيالماس بۇلۇپ قالغىلى 15 يىل بولدى .ئىچمىگەن دارىلىرىم قالمىدى ، پەقەت ياخشى بۇلامىدىم بەزىدە بىر سائەت. بەزىدە ئىككى سائەت ئۇخلايمان ئۇخلىيالمىغانكۇنلىرىم ئۇزەم بىلان ئۇزەم گەپلىشىپ،ھەم كۇلۇپ كېتىمەن مىنىڭ بۇ كىسىلىمگەدۇرا بارمۇ؟
 
 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيقۇسىزلىق ئادەتتە مىڭىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئېشىپ كىتىش، ھەرقايسى نېرۋىلار سەزگۈرلىشىپ كىتىشى ، بىرەر ئاغرىق -سىلاق، بەزى تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر، بىئارامچىلىقلار سەۋەبىدىن كۆپرەك كۆرىلىدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بەدەندىكى ئورگانىزىملار خىزمىتى ناچارلىشىپ ماڭىدۇ. مىجەزىدە چۇسلۇق، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، چىچىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ،ئۇيقۇسىزلىقنى تىخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ.شۇڭا بۇنىڭغا دورا بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پىسخىكا،روھىي تەرەپتىكى داۋالاشنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ مىڭىش كېرەك.بولسا يىتىش ئاۋۋال بىرەركىشى سىز بىلەن مۇڭداشقاچ چىكىڭىزنى ئۇۋىلاپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسۇن.
 

ئايگۇل

   
2008-12-30 22:04:42   
:يوللانغان ۋاقتى
مەسلىھەت بەرسىڭىز
 

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! مېنىڭ كۈندە دىگۈدەك كەچتە ئۇخلىغان ۋاختىمدا ئىھتىلام ( سۇيۇقلۇق ) بولۇپ قالىدۇ ، بەزىدە كىچىك تەرىتىمنىڭ كۈچى يوقتەكلام ، بۇ نىمە كېسەل بىلمىدىم ، مەسلىھەت بەرسىڭىز ، بۇنىڭغا قارىتا دورىڭىز بارمۇ ؟
 
 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قانداقلىكى كىسەللىك بولسۇن ئالدى بىلەن سەۋەبىنى، ھېچبولمىسا ئىسمىنى قۇيىۋالماي تۇرۇپ داۋالاش قىلغاندا ياكى دورا ئىشلەتكەندە پايدىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن. شۇڭا سىز ئاۋۋال تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ،ھىچقانداق ئامىل بولمىسا ئۇيغۇر تىبابەت بويىچە كۆرۈنۈڭ ياكى داۋالىنىڭ. مۇشۇنداق بولغاندا مۇۋاپىقراق. بىزنىڭ ئوزۇقلۇق سۇيۇقلىقىمىز بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغلۇق تەسىرلەرنى تۈگىتىش تەرەپتىنمۇ خىلى ئۈنۈملەرگە ئىگە .شۇنداقتىمۇ بىز دوختۇرخانىلارنىڭ دىئاگنوزى ۋە تەۆشۈرۈش نەتىجىلىرىگە مۇھتاج بولىمىز.
 

ئالىم

   
2008-12-30 21:40:09   
:يوللانغان ۋاقتى
تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى توغرىسىدا سۇئالىم بار ؟جاۋاپ بەرگەيسىز؟
 

دادام بۇ يىل 80 ياش،روھى تېتىك،10يىل بۇرۇن يۈرەك سانجىقى دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان،ھازىرۈغىچە يىلدا بىر نەچچە قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ ئۆزىنى ئاسراپ كېلىۋاتىدۇ.ھازىرقى دىئاگىنوزى :تاجىسىمان يۈرەك ئارتىرىيەسىى بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلى ،بۇندىن بۇرۇن ،بىر نەچچە چوڭ دوختۇرخانلار كۆۋرۈك سالىمىز ،بۇ بىردىن بىر ئۇسۇل دىگەچكە ،بىز بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلنى توغرا تاپماي كونسىرۋاتىپلىق ئۇسۇل بىلەن داۋالىنىشنى ئېىلىپ بېرىۋاتىمىز.يېقىندا شىركىتىڭلارنىڭ قەشقەردىكى تارمىقىدن يۈرەككە ئائىت باكتىرىيە سۈيۈقلىقى سېتىۋالدۇق،2.5كىلوگراملىق(500يۈەن)،ھازىر ئىچىۋاتقىلى 4كۈن بولدى،ئەتىگەنلىك تاماق سىلەر كۆرسىتىپ بەرگەن رېتسىپ بويىچە بولدى،ئىچكەندىن كىيىن قىززىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ دىيىلگەن ئىكەن ،لىكىن ھازىر بۇنداق ھالەت كۆرۈلمىدى،بۇ سۈيۈقلىقنىڭ تەپمىگەنلىكىمۇ ياكى نورمال ئەھۋالمۇ؟دادام مۇشۇ سۈيۈقلىققە ئانچە ئېشىنىپ كەتمەيۋاتىدۇ،لىكىن مەن شەخسەن خىزمەت ئىشلەپ بىرئاز قايىل قىلدىم.دوختۇر نىڭ بىزگە بۇ توغرىلىق ئەتراپلىقراق كۆرسەتمە بېرىشىنى سورايمىز.مىنىڭچە بۇ بىزگىلا ئەمەس بىزدەك مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇققان كىشىلەر ئۈچۈن پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.ئىشلىرىڭلارغا ،شىركىتىڭلارنىڭ ئىستىقپالىغا گۈل چىچەكلەر تىلەپيمەن.
 
 
ياخشىمۇسىز تۇنجى قېتىم ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر دەسلەپكى بىر مەزگىلدە 20-30گىرامغىچە بولغان ئارىلىقتا تەڭشەپ ماڭىدۇ، مىقدارىنى تەدرىجىي ھالدا كۆپەيتىپ ماڭىدۇ، ئەمما كۈنلۈك مىقدارى180گىرامدىن ئامال بار ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. بەزى ھاللاردا سىمىز، بەدەن ھالىتى ياخشى(قامەتلىك)كىشىلەرنىڭ ئىچىش مىقدارى نىسبەتەن جىقراق بولىدۇ. ئەمدى قىزىتىش ئەھۋاللىرىغا كەلسەك، مىقدارى ئاز بۇلۇپ قالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا بىرقىسىم بىمارلىرىمىزدا بۇخىل ئەھۋاللار ئالاھىدە كۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھسۇلاتىمىز تەبىئىي ھالەتتە،داۋالىشىمىزمۇ تەبىئىي داۋالاش تۈرىگە كىرىدۇ،شۇڭا تەسىرى تىز ئەمەس، ئاستا-ئاستا ،تەدرىجىي ھالدا كۆرۈلىدۇ.20كۈن ئىچىدە بەدەندىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ھېس قىلالايدۇ.
 

غېنىجان مۇھەممەد

باش بەت  ئالدىنقى بەت    كېيىنكى بەت    ئاخىرقى بەت   
    تال خاتىرە بار 222 بۇ تۈردە جەمئىي     بەت-
1
نۆۋەتتىكىسى   بەت 45 بۇ تۈر جەمئىي
سۆز قالدۇرۇڭ
 
:تېمىسى
كۇنۇپكا تاختىسىدىن ctrl+k
كۇنۇپكىلىرىنى بىرلىكتە بېسىش ئارقىلىق يېزىق ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
 
:مەزمۇنى
 
:ئىسمىڭىز
 
 

ICP نومۇرى تەستىقىلىنىۋاتىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991_5588461

شىنجاڭ ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى تور قۇرۇلۇش بۆلۈمى

دىققەت تور بېكەتتىكى كۆپ ۋاستە ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسى توردىن ئېلىنغان ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسىڭىز دەرھال تېلېفون قىلىڭ ياكى ئۇچۇر يوللاڭ ئالتە سائەت ئىچىدە شۇ خىل تىپتىكى مەزمۇنلارنى توردىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز.