شىنجاڭ ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى 2008ـ يىلى 1 – ئايدا قۇرۇلغان. ئەسلى ئاساسىي گەۋدىسى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق تەبىئي داۋالاش بولۇپ، ھازىر ئەلدوست ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تەبىئىي داۋالاش ئورنى ئايرىم قۇرۇلۇپ مەخسۇس داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ ئورۇن ياسىنجان مۇئەللىم ( ئوزۇقشۇناس ) ئۆزىنىڭ 10 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا راك، دېئابىت، يۈرەك – مىڭە - قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا بارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
مەزكۇر شېركەت يەنە پۈتۈنلەي تەبىئىي بولغان داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە «ئۇزخۇمار» ماركىلىق بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇملىرىنى ياساپ، گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
تۇنجى قەدەمدە «مېھرىبان» ماركىلىق كىر يۇيۇش پاراشوكى بىلەن كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ بازارغا سالدى. بۇ يۇيۇش بۇيۇملىرى تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ئىشلەنگەن بولۇپ، سۈپەت ھەم ئالاھىدىلىك جەھەتتە بازاردىكى ھەرقانداق پاراشوكلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
نۆۋەتتە مەزكۇر شېركەت قەدەممۇ- قەدەم تەرەققىي قىلىپ، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنۋېرىسال خاراكتېردىكى كارخانىغا ئايلاندى.